246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 15:06

شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.

2014-يىلى 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا تۈنجى قېتىم: جۇڭگونىڭ ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۆزىگە خاس چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بولۇشى شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئون يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى. جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەت نامايان بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، جاھاننى كۆڭلىگە پۈكۈدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى تىكلەندى.

رەئىس شى جىنپىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ بۇ يىللىق زىيارەت دىپلوماتىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە مەۋقە لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۈزلىنىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىنىپ، جاھان كۆڭلىگە پۈكۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا، ئۆتكەن تۆت يىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەرەققىيات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا دۇنياغا ئېنىقلىق ئاتا قىلدى، ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى دەۋرنىڭ ناچار مۇقامى بولماسلىقى كېرەك، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭگىلى بولىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇكى توختىپ قويۇشقا بولمايدۇ، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش» مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى ئەمەس، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن تەڭ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. «كىچىك ھويلا، ئېگىز تام» پەيدا قىلىش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس، ئېچىۋېتىپ تەڭ بەھرىلەنگەندىلا ئاندىن ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، ھەم چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەم يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، پېرۇ زۇڭتۇڭى بىلەن بىرلىكتە چانكاي پورتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. چانكاي پورتى جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشتىكى زور تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ دۇنيادا گۈللىنىش، بەخت يولى ھاسىل قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇستىن ئەمەلىيەتكىچە، بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ ،بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ يىراققا مېڭىش؛ قەدىرلىنىدىغىنى ئۆزى ياخشى ياشاش، باشقىلارنىمۇ ياخشى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىدىغىنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا پايدا ئېلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش؛ ئېنتىلىدىغىنى تەڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قانداق دۇنيا بەرپا قىلىش، دۇنيانى قانداق بەرپا قىلىشقا بېرىلگەن جۇڭگو لايىھەسى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۈچى، ھاياتىي كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئارقا-ئارقىدىن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ئىگە قىلدى. جۇڭگومۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

2023-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ «بېيجىڭ كېلىشىمى» ھاسىل قىلدى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ ياراشتۇرۇش دىپلوماتىيەسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، بۇ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بىر ئابىدە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس، يەنە نۇرغۇن رايونلاردا ئۇرۇش ئوتى ئۇلغۇيۇپ، داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئايرىلماس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىك يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق، ھەققانىيەت يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىل-ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن جۇڭگونىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى زورايدى. ھازىر جۇڭگو 110 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 183 كە يەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دوستلۇق ئىلگىرى-كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، باشلانسىلا پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ. ھەمكارلىقتا مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، سەمىمىي بولغاندىلا مول نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدىن توغرا، ھەققانىي، مەنپەئەت قارىشىغىچە...... رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر لايىھەدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك نىشان نامايان قىلىندى.

شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەردە تەمكىن بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، روشەن جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يولىدا ماڭدى.

شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدۇق، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央廣播(bō)電視總台 央廣網 版權所有

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.