لى چياڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
كارخانا ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى كارخانىلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى، جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگودىكى تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى خالايمىز، دېدى.
لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىمۇ تەدرىجىي زورىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ راۋانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بېكىنمىچىلىكنىڭ چىقىش يولى يوق، ئېچىۋېتىشلا توغرا يول. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، يەر شارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى شۇنچە تونۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەر خىل شەكىلدىكى «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش»، «ئايرىمچىلىق»قا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، بىز تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ قوشىمىز.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىلارنىڭ يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ۋە ئاكتىپ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئەۋرىشىم ۋە ئۈنۈملۈك بولغان يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋۇ جېڭلوڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا