246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى پورتۇگالىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-25 14:45

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئاگىيار برانكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، لىسبوندا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوسا، زۇڭلىسى مونتېنېگرو بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، پارلامېنت باشلىقى ئاگىيار برانكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاۋ لېجى دېسوسا بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى ۋە ئەمەلىي بولدى. جۇڭگو پورتۇگالىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، پورتۇگالىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى سىرداشلاردىن بولۇپ، بىرلىكتە گۈللىنىش، ئالغا بېسىشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دېسوسا جاۋ لېجىدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، شۇنداقلا ئاۋمېننىڭ جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى. پورتۇگالىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دوستانە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيە كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى قوللايدۇ. ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم، پورتۇگالىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مونتېنېگرو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پورتۇگالىيە بىلەن بىرىلىكتە تىرىشىپ، يادرولۇق مەنپەئەت ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش؛ سۈنئىي ئەقىل، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەر ۋە يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مونتېنېگرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پورتۇگالىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرىدۇ، ئاۋمېندا يولغا قويۇلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. پورتۇگالىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن پەن-تېخنىكا، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
جاۋ لېجى ئاگىيار برانكو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پورتۇگالىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. پورتۇگالىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋمېن جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلگەن 25 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پورتۇگالىيە بىلەن ئاۋمېن سۇپا قىلىنغان كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
ئاگىيار برانكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پورتۇگالىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央(yāng)廣(guǎng)播電(diàn)視總(zǒng)台 央(yāng)廣網 版權所有

جاۋ لېجى پورتۇگالىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى پورتۇگالىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئاگىيار برانكونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە پورتۇگالىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى،