ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شان-شەرىپى
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، چېگرا سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى. بىز بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى شان-شەرىپىنى ھېس قىلالايمىز.
«0» كۆپلىگەن تۈرلەردە ئالتۇن مېدال ئالالماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.
ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تېننىس توپ تۈرى ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ 25 مېتىر ئارىلىقتا تاپانچىنى تېز ئېتىش مۇسابىقىسى، ئاياللار بوكس مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ 4×100 مېتىرغا ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش مۇسابىقىسى، فىگۇرا چىقىرىپ جۈپ سۇ ئۈزۈش تېخنىكا مۇسابىقىسى، سەنئەت گىمناستىكىسى كوللېكتىپ ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە تۇنجى قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، يۇقىرىقى تۈرلەردە ئالتۇن مېدال ئالالماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بەردى.
«3» بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئولىمپىك رېكورتى يېڭىلاندى.
ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى ئاياللارنىڭ 59 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز ماھىرى لو شىفاڭ دەس كۆتۈرۈش، مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش ۋە ئومۇمىي نومۇردىن ئىبارەت ئۈچ تۈردە ئولىمپىك رېكورتىنى يېڭىلاپ، جەمئىي 241 كىلوگىراملىق ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان لو شىفاڭ يەنە مۇشۇ دەرىجىدىكى ئومۇمىي نومۇردا دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى.
«8» سۇغا سەكرەش «ئارزۇ كوماندىسى» سەككىز ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
ئېلىمىز سۇغا سەكرەش «ئارزۇ كوماندىسى» بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى سەككىز ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى. 1984-يىلى لوس-ئانژېلىستا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇۋ جىخۇڭ تۇنجى قېتىم سۇغا سەكرەش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان، «ئارزۇ كوماندىسى» 40 يىل مابەينىدە جەمئىي 55 ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. سۇغا سەكرەش تۈرى ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
«27» ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك تۈردە 27 ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك تۈرىدە 27 ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالتۇن مېدال سانىنىڭ %67.5ىنى ئىگىلىدى، بۇ ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك تۈرمۇ داۋاملىق ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى كۈچلۈك تايانچ بولۇپ قالدى.
«40» چېگرا سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى.
شىن لىخاۋ ۋە خۇاڭ يۈتىڭلار بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قارىغا ئېتىش تۈرى ئون مېتىر ئارىلىقتا يەل مىلتىق ئېتىش ئارىلاش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەندىن تاكى لى ۋېنۋېن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرى ئاياللارنىڭ 81 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى ئايرىمىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچە، ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 40 ئالتۇن مېدال، 27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى چېگرا سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇشتەك رېكورتنى ياراتتى.
«311» شان-شەرەپنىڭ كەينىدىكى نامسىز قەھرىمانلار.
بۇ نۆۋەتلىك پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 700دىن كۆپ ئادەمدىن تەركىب تاپتى. پارىژدىكى 16 كۈن ئىچىدە، 404 نەپەر جۇڭخۇا تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى جان تىكىپ كۈرەش قىلدى، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. مەسىلەن: تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسى ما لوڭ 4-نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە تۆتىلا نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ما لوڭ ئېلىمىزدىكى ئالتە ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى ماھىر بولۇپ قالدى. يەنە قارايدىغان بولساق، سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى جاڭ يۈفېي بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتە تۈرگە قاتنىشىپ، ئالتە مېدالغا ئېرىشتى. جاڭ يۈفېي ئۈچ نۆۋەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 2 ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، 10 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالدى.
تەنھەرىكەتچىلەردىن سىرت، يەنە 311 خىزمەتچى خادىممۇ بار. ئۇلار: تىرېنېر، دوختۇر، تەرجىمان، ئاشپەز، ئۈسكۈنە مۇتەخەسسىسى، سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ھەقىقەتەن شان-شەرەپنىڭ كەينىدىكى نامسىز قەھرىمانلاردۇر.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ جىنچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەگەر بىر سۆز بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىز تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نەتىجىسىنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە، ئۇ بولسىمۇ «ھالقىش»تۇر. مۇسابىقە قاتنىشىش تۈرى سانىدا ھالقىش بولدى، 223 كىچىك تۈر بىز قاتناشقان چېگرا سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ قاپلىنىشى جەھەتتىمۇ ھالقىش بولدى. دېمەك، يۇقىرىقى نەتىجىلەر ئېلىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىسىدۇر».
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان