246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-12 10:20

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 40 ئالتۇن مېدال،27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 91 مېدالغا ئېرىشىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجەگە ئېرىشتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە ئاياغلاشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 40 ئالتۇن مېدال،27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 91 مېدالغا ئېرىشىپ، ئېلىمىز 1984-يىلى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئومۇميۈزلۈك قاتناشقاندىن بۇيان، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگو ماھىرى لى ۋېنۋېن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللارنىڭ 81 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى ئەڭ ئاخىرى 40 قا مۇقىملاشتى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۈر سانى، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى ۋە سۈپىتى، ئالتۇن مېدال تۈرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىلىگەن ئۆلكىلەرنىڭ سانى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 40 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 39 ئالتۇن مېدالدىن ئېشىپ كەتتى. ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى 60 قا يېتىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قارىغا ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرلىرىدە، بىر تۈردە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، توققۇز تۈردە ئولىمپىك مۇسابىقىسى رېكورتىنى ياراتتى. ئېلىمىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئىلگىرىكى 21 دىن 24 كە كۆپەيدى.
ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىشقا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۈرلەرنىڭ جايلىشىشى تېخىمۇ كۆپ، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، ھەم بوكس، فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش، بەدىئىي گىمناستىكا قاتارلىق تۈرلەردە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى، ھەم كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت، چاقماق ئۇسسۇلى، تىك قىياغا يامىشىش قاتارلىق يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «كىچىك» تۈرلەردە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، تېخىمۇ مۇھىمى تېننىس توپ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق خەلقئارالىق ئاساسىي چوڭ تۈرلەردە «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى» نى ياڭراتتى.
جېڭ چىنۋېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېننىس توپ يەككە ئويناش تۈرىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بۇ تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىنى ئېلىش سەھنىسىگە تۇنجى بولۇپ چىققان ئاسىيالىق تەنھەرىكەتچىگە ئايلاندى.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا ئارىلاشما كۈچ ئۇلاپ سۇ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، ئەڭ ئاخىرقى كالتەكنى قولغا ئالغان پەن جەنلې 45 سېكۇنت 92 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن، ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردە 40 يىللىق مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈرلەر مۇسابىقىسىدە جۇڭگونىڭ كىچىك ماھىرلىرىمۇ ئۆزگىچە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى. كىچىك چاقلىق ۋېلىسىپىت ئەركىن مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى، ئەرلەرنىڭ تىك قىياغا يامىشىش ، ئاياللار سۈرئەت مۇسابىقىسىدە كىچىككىنە پەرق بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان چاقماق ئۇسسۇلىدا مىس مېدالغا ئېرىشتى.
يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈرلەردىكى نەتىجە ياخشى بولدى، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل تۈرلەردە شان-شەرەپ قوغدالدى. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە سۇغا سەكرەش، تىكتاك توپ، قارىغا ئېتىش، پەي توپ قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ ئالتە چوڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرىدە جەمئىي 27 ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالتۇن مېدال ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىكى ئەۋزەل تۈرلەر بولۇپ قالدى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جىنچياڭ مۇنداق دېدى: فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ ۋە قوش كىشىلىك تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، 24 يىل تىرىشىپ ئاخىرى ئالتۇن مېدال ئېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، بەدىئىي گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە 16 يىل تىرىشىش ئارقىلىق بېيجىڭدىن پارىژغىچە كۈمۈش مېدالدىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
ئاياللار بوكس مۇسابىقىسىدە كامالەتكە يەتكەن تېخنىكا بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، دۇنيا ئاياللار بوكس مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىش ئەندىزىسىنى قايتا ياراتتۇق. ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە تۇنجى قېتىم ئەرلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك دۇنيا سەھنىسىگە چىقتۇق. تۇلۇم قولۋاق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم يەككە نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتۇق. پارىژ سۇ ئۈستى مەركىزىدىكى 10 مۇسابىقە تۈرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央廣(guǎng)播電視總台 央廣網(wǎng) 版權所(suǒ)有

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 40 ئالتۇن مېدال،27 كۈمۈش مېدال، 24 مىس مېدال بولۇپ، جەمئىي 91 مېدالغا ئېرىشىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجەگە ئېرىشتى