246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تولۇقسىزدىلا شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغانلار كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-26 17:14

دوختۇرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھەر يىلى دەم ئېلىش مەزگىلىدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ شەكىل تۈزەش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغان بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئاران 11 ياشتا ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مەسلىھەت سورىغان شەكىل تۈزەش تۈرلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق قوش قاپاق چىقىرىش، بۇرۇن كۆتۈرۈشتىن تارتىپ خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تۆۋەنكى ئېڭەكنىڭ جاغ بۇلۇڭىنى كىچىكلىتىش، ياڭاق سۆڭىكىنى ئىچىگە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغىچە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىكەن. بۇنداق مەسلىھەت سورىغۇچىلارنى دوختۇر ئاساسەن نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇۋېتىدىكەن.
دۆلىتىمىزدە 18 ياشقا توشمىغان ياش-ئۆسمۈرلەر چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا شەكىل تۈزەش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. لېكىن بەزى ياش - ئۆسمۈرلەر قۇرامىغا يەتكەن دوستلىرىنى ئاتا-ئانىسى قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ بارسىمۇ، بەزى مۇنتىزىم بولمىغان تېببىي ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرى بىمارلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشتە قاتتىق بولمىغاچقا، بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يۈز سۆڭىكى ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشى تېخى تولۇق بولمىغانلىقتىن، بالدۇر شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن.

 

中央廣播電視總(zǒng)台 央廣網 版(bǎn)權所有

تولۇقسىزدىلا شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغانلار كۆپەيدى

دوختۇرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھەر يىلى دەم ئېلىش مەزگىلىدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ شەكىل تۈزەش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغان بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئاران 11 ياشتا ئىكەن،