كىملىك بىلەن يان تېلېفوننى بىللە قويغاندا ماگنىتى يوقاپ كېتەمدۇ؟
تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر كىملىك بىلەن يان تېلېفوننى ئايرىپ قويىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت كىملىكنىڭ ماگنىتسىزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بېيجىڭ پوچتا ـ تېلېگراف داشۆسى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى شۆيۈەنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ بونىڭ قارىشىچە: بۇ سېپى ئۆزىدىن بىر ئۆسەك سۆز. نۆۋەتتە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان 2 ـ ئەۋلاد كىملىككە سىمسىز رادىيو چاستوتىسىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا ئەسلا ماگنىت يوق، يان تېلېفون تەرىپىدىن ماگنىتسىزلاندۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.
ئۇ نەق مەيداندا بىر سىناق ئېلىپ بارىدۇ: يەنى كۈچلۈك نۇرى بار قول چىراغ بىلەن كىملىكنىڭ ئىچكى قىسمىنى يورۇتقان. بۇ جەرياندا بىر كىچىك سايە ۋە ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان كاتۇشكا كۆرۈنگەن. جاڭ بو مۇنداق دېدى: كىچىك كۆلەڭگە كىملىكتىكى ئۆزەك بولۇپ، كىملىكنىڭ يادرولۇق قىسمى، ئىسىم ـ فامىلىسى، ئادرېسى، سۈرىتى ۋە بارماق ئىزى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە يوللاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
بىز كىملىك سۈركىگەندە، كىملىكتىكى كاتوشكا ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيەسى ئارقىلىق ئېنېرگىيەگە ئېرىشىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قىسقا ۋاقىت توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بىر قېتىملىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تاماملىنىدۇ. ئوقۇغۇچ ئۇچۇرنى ئوقۇپ كود يەشكەندىن كېيىن سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىغا يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق كىملىك تەكشۈرۈش تاماملىنىدۇ.
كىملىكتە ماگنىتسىزلىنىش مەسىلىسى كۆرۈلۈشى ئادەتتە ئۆزەك ياكى كاتوشكىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. جاڭ بو مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كىملىك ئىشلىتىش جەريانىدا، قاتلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېغىر بېسىم ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قويۇپ، ئۆزەك ۋە كاتوشكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان