شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى جېڭشياڭ رايونى رۇڭگۇەنلې شەھەرچىسى سودا كوچىسىدا، يېڭىدىن ئېسىلغان، قويۇق غەربىي يۇرت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان «جياڭ مومو» دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا خېڭياڭلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
كىشىلەر قىزىقىش بىلەن دۇكانغا كىردى. شىنجاڭنىڭ يېڭى كالا قوي گۆشى، بادام، ياڭاق، دەرەختە قۇرۇغان ئۆرۈك، چىلان، ئەينۇلا قاتارلىق ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭ زېمىنىدىن كەلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلار خېڭياڭ خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.
خۇنەن جياڭ مومو سودا زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياڭ مۇنداق دېدى: بۇ خۇنەن جىڭۋاڭ گۇرۇھىنىڭ خېڭياڭدا تەسىس قىلغان تۇنجى «شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، بارلىق تاۋارلار شىنجاڭنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايلىرىدىن بىۋاسىتە سېتىۋېلىنىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ھالقىلار قىسقارتىلغان بولۇپ، باھاسى ئەرزان.
خېڭياڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن، «جياڭ مومو» چاڭشا دۇكىنى 2023-يىلى 12-ئايدا تىجارەت باشلىدى. تىجارەت باشلىغان ئىككى ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر خىل ھۆل قۇرۇق مېۋىلىرىدىن 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك سېتىلدى. 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇنەن جىڭۋاڭ گۇرۇھى «جياڭ مومو» ناملىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش ماركىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى ھەم سىرتقا زەنجىرسىمان ئىتتىپاقداش دۇكان ئېچىشنى يولغا قويدى.
غۇلجىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىز رابىيەم ئابدۇۋەلى «جياڭ مومو» ماركىسىنىڭ «خېڭياڭ رۇڭگۇەنلې شەھەرچىسى»دىكى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردۇق، خېڭياڭدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ھەر يىلى شىنجاڭدىن زور مىقداردا يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، بازار يوشۇرۇن كۈچى زور. مەن ئاۋۋال بۇ يەردە بىر مەزگىل خىزمەت قىلىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ، كېيىن خېڭياڭنىڭ يەنە بىر يېرىدە «جياڭ مومو» ئىتتىپاقداش دۇكىنى ئاچماقچى.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسىنىڭ ئالاقە قىلىۋاتقىنىغا خېلى بولدى. شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى خېڭياڭ خەلقىگە ناتونۇش ئەمەس، كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۈچ ئۇلاپ سېتىش پائالىيىتى خېڭياڭ ھەتتا پۈتۈن خۇنەن زېمىنىدا ئۈن-تىنسىز قانات يايدۇرۇلدى. كۈچ ئۇلاش زەنجىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئانچە تونۇشمايدۇ. ئەمما شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، پىچان خەلقىنى قوللاش قاتارلىق ئامىللار بۇ قېتىمقى كۈچ ئۇلاپ سېتىشنىڭ مۇھىم تىرىكى بولۇپ قالدى. پات-پات دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپىدا «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار تارقىتىلىپ، چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر بەس-بەستە باھاسى مۇۋاپىق، سۈپىتى ياخشى «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى»نى چاغانلىق مال قاتارىدا سېتىۋالىدۇ. 2023-يىلى 5-ئايدا، خېڭياڭ شەھىرىنىڭ 10-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، بارلىق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بەس-بەستە «قوشۇمچە مال ساتقۇچى» بولۇپ، تۈرلۈك ھۆل قۇرۇق مېۋىلەرنى سېتىشقا ياردەم بەردى، قىسقىغىنا سەككىز ئايدا، بۇ «قوشۇمچە مال ساتقۇچى»لار 5 مىليون 824 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلات ساتتى.
خېڭياڭ شەھىرىنىڭ 10-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە پىچان ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد-سودا كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، پىچان كەسىپلەر رايونىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، پىچان كەسىپلەر رايونىدا 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تۈرىدىن يېڭىدىن ئالتىنى كۆپەيتتى. پىچان ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 97 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» خىزمىتى ئالاقە پونكىتى تەسىس قىلىپ، تۆت كارخانىنىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2023-يىلى خۇنەندىكى پۇقراۋى كارخانىلار چېگرا رايونغا كىرىش. تۇرپان (پىچان) سەپىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، 10 پۇقراۋى كارخانىنىڭ 9 مىليارد 195 مىليون يۈەن مەبلەغ كېلىشىم ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
خېڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، تۇرپان پىچان ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىمى لى خۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جياڭ مومو» يېڭى مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش ماركىسى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى خۇنەنگە كىرگۈزۈش» خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولى-«شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىتتىپاقداش دۇكىنى» يولىنى ئاچتى، بۇ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە، بىز كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا ئىشلەپ، «جياڭ مومو»نى تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا «تەڭ پايدا ئېلىش»تەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى بىرلىكتە يارىتىمىز.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل