246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ «ئالتۇن ھەمراھلار»نىڭ كېيىنكى 50 يىللىق ھېكايىسى تېخىمۇ ئېسىل بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 15:11

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرازىلىيەدە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بەش يىلدىن كېيىن بىرازىلىيەگە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىشى. برازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئالىي ئېھتىرام بىلەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بىرازىلىيەلىك سەنەتكارلار ئورۇنلىغان «ۋەتىنىم» ناملىق خەنزۇچە ناخشىدا جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ تاغ-دەريالاردىن ھالقىغان چوڭقۇر دوستلۇقى ئىپادىلەندى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتانى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجسىگە كۆتۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئورتاق قارار قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئابىدە. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئارزۇسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى ئىپادىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋىلىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقاتخانىسى بىرازىلىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جۇ جىۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئالدىدا مېڭىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە، مەسىلەن، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى دۆلەت، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى؛ بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بۇ ئالاھىدىلىكنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نۆۋەتتە، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، يېڭى خىرىس، يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» توپ باش كۆتۈرمەكتە. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نىشان قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە قانداق قىلىپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىل»نى يارىتىدۇ؟

«تەقدىرداش» بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق مەسئۇل بولۇش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا يوقارقى تۆت جەھەتتىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. زۇڭتۇڭ لۇلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى دەپ قارىدى.

تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مايىللىقى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بىرازىلىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. مەسىلەن، جۇڭگو تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد-سودا، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن «ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش پىلانى»، «بىرازىلىيە يېڭى سانائەت پىلانى»، «ئېكولوگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پىلانى»، «جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يول پىلانى»نى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپ كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىشتىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىردەك مۇراجىئەت قىلىشقىچە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە خەلقئارا سورۇنلاردا ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادىل گەپ قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىشتا چىڭ تۇردى. بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق، رايون توقۇنۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىردەك بىلدۈردى.

50 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى بۇ «ئالتۇن ھەمراھلار» تەقدىرداش بولۇپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىرازىلىيە پۇتبول شاھى پېلېنىڭ «ئەڭ قالتىس توپ كېيىنكى توپ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېسىل سەھىپىسىمۇ كەلگۈسىدە دېدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央廣播電視總台 央廣網 版權所(suǒ)有

بۇ «ئالتۇن ھەمراھلار»نىڭ كېيىنكى 50 يىللىق ھېكايىسى تېخىمۇ ئېسىل بولىدۇ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرازىلىيەدە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.