خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نىتانىياخۇنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشىنىڭ قانداق تەسىرى بار
گوللاندىيەنىڭ گائاگادا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت، شۇنداقلا پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ھەربىي قوماندانى مۇھەممەت دىياب ئىبراھىم ماسرىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلىدى.
كۈچ گېئومېتىرىيىسى
گائاگادا تەسىس قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئوخشىمايدىغىنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئورگان ئەمەس، بەلكى 2002-يىلى 7-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رىم ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلات، ئاساسلىقى غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. «رىم ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان ھامان، ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ئىجرا قىلىنىدۇ.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئورگاندا ھازىر جەمئىي 124 ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەت بار بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر ۋە پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 70 دۆلەت «رىم ئەھدىنامىسى»گە قاتناشمىغان.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى چىقارغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقى باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گەرچە ئىسرائىلىيە ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن پەلەستىن «رىم ئەھدىنامىسى»گە قاتنىشىپ، مەيلى دېلوغا چېتىشلىق دۆلەت ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن ئالاقىدار دېلولارغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنا بانىيەلۇكا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق پىروفېسسورى مىلوس سولايا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىدە قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى يوق، پەقەت ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەرگە تايىنىپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەرمۇ ھەمىشە قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى تاللىمايدۇ. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيە رەھبىرى ۋە خاماس رەھبىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقى مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى چەكلىك.
ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى
نىتانىياخۇ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى «يامان نىيەتلىك قارار» ھەم «بىمەنە قارار» دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سائار: بۇ ئىش خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى «بارلىق قانۇنلۇق»تىن مەھرۇم قىلدى، دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىر باياناتىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە بىلەن باشتىن ئاخىر بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن خاماس خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نىتانىياخۇ ۋە گاللانتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق بۇ ئورگاننىڭ خاماسنىڭ ھەربىي قوماندانى ماسرىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىغا باھا بەرمىدى.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بوللېي 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ئەھدىنامە تۈزگۈچى بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. گوللاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فېلد كامپ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: گوللاندىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى قوللايدۇ، ئەگەر نىتانىياخۇ گوللاندىيە زېمىنىغا كىرسە، قولغا ئېلىنىدۇ. فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، فىنلاندىيە ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېخ زۇڭلىسى فىيالا 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، بۇ ئىش خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
گوللاندىيە تاراتقۇسى RTL ئاخبارات تورى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: نىتانىياخۇ قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا روشەن ئىختىلاپ مەۋجۇت. بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنى قوللاشقا مايىل، يەنە بىر قىسمى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. بۇ خىل بۆلۈنۈش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلاردا بىرلىككە كەلگەن ھەم ئېنىق سىياسەت شەكىللەندۈرۈشىگە قىيىنلىق تۇغدۇردى.
ئىئوردانىيە، ئىران، سۈرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەلگۈسى تەسىرى
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ساياھەتنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەمەس، نىتانىياخۇ بىلەن گاللانت يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇلار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىكى ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەرگە بارسا، ھەقىقەتەن قولغا ئېلىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ.
گوللاندىيە جىكۇك لىنخېندال خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئوۋېن فىرېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىسرائىلىيە ئىزچىل غەرب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ.
گوللاندىيە رادىيو پروگراممىسى شىركىتى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: نىتانىياخۇنىڭ قولغا ئېلىنىش ھەمدە گائاگاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن، لېكىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ئىسرائىلىيەنى يەنىمۇ يېتىم قالدۇرۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب ئەللىرى ئارىسىدا بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تىرامپ ئىلگىرى تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىمۇ بۇ خىل قارشىلىشىش ۋەزىيىتى قايتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
سولايانىڭ قارىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنىڭ ئەڭ بىۋاستە تەسىرىدە نىتانىياخۇنىڭ زىيارەتكە چىقىش پىلانى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ خالىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يەنىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، تىنچلىق سۆھبىتى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى