«جۇڭگو-تاڭ سۇلالىسى-كۆپ مەنبەلىك ئېچىۋېتىلگەن سۇلالە (7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى پارىژدا باشلاندى
نەپىس، ئەپچىل، جانلىق قىزىل ئالتۇن ئەجدىھا، رەڭدار، ئۈچ رەڭلىك تاڭ ساپال تۆگىسىگە مىنىپ ساز چېلىۋاتقان قونچاقلار، تولغان، نەپىس، رەڭ بېرىلگەن ئايال ساپال قونچاقلار ...
فىرانسىيە گۈيمېت دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىنىڭ يەر ئاستى بىرىنچى قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە شەرق تۈسى ئېستېتىكىسى بىلەن تولغان بېزەكلەر ئارىسىدا ماڭغاندا، پارلاق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن گۈللەنگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ، كىشىگە مىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىكى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە «جۇڭگو-تاڭ سۇلالىسى-كۆپ مەنبەلىك ئېچىۋېتىلگەن سۇلالە (7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى پارىژدىكى گۈيمېت مۇزېيىدا ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە «بۈيۈك تاڭ دەۋرىگە يېقىنلىشىش»، «چاڭئەن: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر»، «چاڭئەندە خۇشال ياشاش»، «ئەدىبلەر دۇنياسى»، «ھۈنەردە كامالەتكە يېتىش»، «بۈيۈك تاڭ يىپەك يولى»، «يەلكەن كېرىپ دېڭىزغا چىقىش، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇش» قاتارلىق سەككىز بۆلەك ئارقىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پارلاق ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە چوڭقۇر تارىخىي تەسىرى جانلىق نامايەن قىلىندى.
جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان مۇھىم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ كۆرگەزمىگە جۇڭگودىكى 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 32 مەدەنىيەت-مۇزېي ئاپپاراتىنىڭ 200 دىن ئارتۇق نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يىغىلغان بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار، ساپال قونچاق، توقۇلما بۇيۇملار، تام رەسىملىرى، تاش ھەيكەل، ھۆسنخەت ۋە رەسىم قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فامېن ئىبادەتخانىسى يەر ئاستى سارىيى، خېجياسۈن كەنتىدىكى گەمە، دىڭماۋچياۋ گەمىسىدىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك بۇيۇملار تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدە كۆرگەزمە قىلىندى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى فىرانسىيە تەرەپ كۆرگەزمە قىلغۇچىلىرىدىن بىرى، گۈيمېت مۇزېيىنىڭ كورېيە ۋە قەدىمكى دەۋر جۇڭگو ساقلانما بۇيۇملىرى باشقۇرغۇچىسى ئانو بېتران مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئىلگىرىكى دۇنياۋى چوڭ شەھەر چاڭئەنگە باشلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ زېمىندا، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن تولغان.
گۈيمېت مۇزېيىنىڭ باشلىقى ياننىك لىنتىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يىپەك يولى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گۈللەنگەن ۋە راۋاجلانغان، ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىش بولۇپ، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. بۇ «يىپەك يولى روھى» بىلەن ماس كېلىدىغىنى شۇكى، ئاسىيا سەنئەت بۇيۇملىرى مول بولغان گۈيمېت مۇزېيى كۆپ يىللاردىن بۇيان ياۋروپالىقلارنىڭ «جۇڭگوغا بارىدىغان دەرۋازىسى» بولۇشقا كۈچ چىقاردى، بۇ يىل تېخىمۇ مۇھىمى بىر قاتار جۇڭگو مەدەنىيەت ـ سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە ئۆتكۈزۈپ، غەرب ئاممىسىنى چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلىپ، جۇڭگو-غەرب خەلق ئاممىسىنىڭ تونۇشىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. لىنتىس كەلگۈسىدە گۈيمېت مۇزېيىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ جۇڭگوغا بېرىپ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭگو دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەم 2024- يىللىق جۇڭگو-فىرانسىيە نادىر ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2014-يىلى جۇڭگو-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن «خەن سۇلالىسى ئۇسلۇبى-جۇڭگو خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»مۇ گۈيمېت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى