دادۇردىن سۈنئىي ھەمراھقىچە جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى
بىرازىلىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر رىئودې ژانېيرونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېگىز-پەس تاغلار ئارىسىدا، توك يەتكۈزۈش سىملىرى خۇددى كۈمۈش رەڭلىك غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان بولۇپ، بىر ئۇچى گۈزەل تاغ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا، يەنە بىر ئۇچى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىپ، ئۈزلۈكسىز پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
جۇڭگودىن كەلگەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىپ، لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يۈزلەندى، بۇ جۇڭگو-بىرازىلىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ساھە، يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ دەلىلى.
جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو-بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ سودا قۇرۇلمىسى كۈنسېرى سەرخىللاشتى، ھەمكارلىق سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى، ئورتاق مەنپەئەتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-بىرازىلىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭىيىپ ۋە كۆپ مەنبەلىشىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى يوشۇرۇن كۈچ قېزىلىپ، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى پەن-تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
2014-يىلى 7-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن شۇ چاغدىكى بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، گۈزەل تاغ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تۈرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
ئون يىلدا، جۇڭگو دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن گۈزەل تاغ 1-، 2-قارارلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تۈرى ئىلگىرى-كېيىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «يىراق ئارىلىق، چوڭ سىغىم، تۆۋەن سەرپىيات»نى ئالاھىدىلىك قىلىپ، 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىن ھالقىپ، بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى يېتەرلىك سۇ ئېلېكتىر بايلىقىنى ئاھالە زىچ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنىڭ زور نەتىجىسى بولۇپ قالدى.
2023-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى يەنە بىر قېتىم بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمال ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم تۈرىگە خېرىدار بولدى. بۇ بىرازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توك يەتكۈزۈش ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقى تۈرى بولۇپ، شەرقىي شىمال قىسمىدىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى پايتەخت بىرازىلىيە قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. دۆلەت ئېلېكتىر تورى بىرازىلىيە پاي كونترول شىركىتى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم بۆلۈمىنىڭ بىرازىلىيە تەرەپ مۇئاۋىن مۇدىرى پاۋلو زېبادى مۇنداق دېدى: بۇ تۈر بىرازىلىيە ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ «سان پاۋلو بەت گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى تېز ئەۋج ئالماقتا، ئىككى تەرەپ دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئومۇميۈزلۈكلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، خەلققە ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۈلگىلىك تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلىتى ۋە رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پاراۋۇز گورۇھى بىرازىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ سان پاۋلو شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولىنىڭ شىمالىي ئوق لىنىيەسى تۈرىنى قۇرۇپ، بىرازىلىيەنىڭ زامانىۋىلاشقان، تېز سۈرئەتلىك شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى مەبلەغ سالغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان ئىككى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇ يىل ئارقا-ئارقىدىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، نەچچە ئون مىڭ بىرازىلىيە كارخانىسى ۋە ئائىلىسىنى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى. خۇاۋېي بىرازىلىيەنىڭ ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى رايونىغا 8000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئوپتىك تالا ئورۇنلاشتۇردى... جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
بىرازىلىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت بىرازىلىيە جۇڭگو پارلامېنت ئەزالىرى فىرونتىنىڭ رەئىسى فۇستو پىناتو مۇنداق دېدى: بىرازىلىيە يېزا ئىگىلىكى، تېخنىكا ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىزچىل جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.
بىرازىلىيە تاتلىق سۇ دەريا جىلغىسى شىركىتىنىڭ تاشقى ئىشلار باش نازارەتچىسى گۇستاۋو بىسكاش مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىرازىلىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنياغا «مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى» يارىتىپ بەردى.
جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىرازىلىيەدە شىددەت بىلەن ئاشتى. بىرازىلىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل بلوگ ئىگىسى فېلىپې فىرا مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يېڭىدىن سېتىۋالغان «دېڭىز يىلپىزى» نامىلىق بىيادى ماركىلىق ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىنىڭ بىرازىلىيەدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى.
فىرا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يۇقىرى ئىقتىدار ۋە يۇقىرى بىخەتەرلىك دەرىجىسى، يۇقىرى ئازادىلىك دەرىجىسىگە تايىنىپ، بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى يېڭى تاللىشى بولۇپ قالدى.
بىرازىلىيەلىك كارخانا خوجايىنى برونو پۇرى ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى. پۇرىنىڭ جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى، ئۇ «جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى ئەلا باھا نىسبىتى بىلەن بىرازىلىيە خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى»، دېدى.
بىرازىلىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كەسىپ جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىرازىلىيە جۇڭگودىن 62 مىڭدىن ئارتۇق توكلۇق ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلغان بولۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارىنىڭ %91.4ىنى ئىگىلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان؛ بىرازىلىيە بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 خىل توكلۇق ئاپتوموبىل ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ماركىسى 8نى ئىگىلەيدىكەن.
تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىمۇ بىرازىلىيەدە يىلتىز تارتىشنى تاللىدى. بىيادى شىركىتى بىرازىلىيەدە نۇرغۇن زاۋۇت قۇرۇشقا مەبلەغ سالدى ھەمدە پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە تۆمۈر تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيەنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. چىرۈي، چاڭچېڭ قاتارلىقلارمۇ بىرازىلىيەدە ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
سان پاۋلو ئىشتاتىدىكى ئوسكار رودرىگۇس كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، ئوقۇتقۇچى فابىئو فېررېرا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە تەجرىبىخانىدا گېلى قاتارلىق جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، «ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىش دەرۋازىسى ئاچتى».
2018-يىلىدىن باشلاپ، گېلى بىرازىلىيە دۆلەتلىك تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۆت بىرلەشمە تەجرىبىخانا تەسىس قىلىپ، ئۈسكۈنە، دەرسلىك ۋە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جاينىڭ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
بىيادى بىرازىلىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئالېكساندىر بالدى ھاياجانلانغان ھالدا: جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدە پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېشىل تېخنىكا ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ، دېدى.
بىرازىلىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا رايونىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسى مودېللىرى قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرغان چاڭئې 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ ۋە «يۈتۇ» ناملىق ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ خاتىرە مودېلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى. جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن بۇ سوۋغاتلار جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
رەئىس شى جىنپىڭ 2019-يىلى جۇڭگو-بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى A04نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 31 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە يارىتىپ، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بىرلىشىپ يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھىدىن ئالتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بىرازىلىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ماركو ئانتونىئو چارمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو ـ بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى ھەمكارلىق تۈرىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىزچىل جەنۇب-جەنۇب تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
مۇھىت ۋە ئاپەتنى كۆزىتىش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتىن شەھەر پىلانلاشقىچە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە «بوشلۇق ۋە زور ئاپەت خەلقئارا نىزامنامىسى» رامكىسى ئىچىدىكى دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇردى.
بىرازىلىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو-بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئانتونىئو كارلوس پېرېرا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرازىلىيە يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى تۈرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، گۈللەنمە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
چارمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى ساھەسىدە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. يەر شارى بايلىق سۈنئىي ھەمراھى ھەمكارلىق تۈرىدىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن باشقا، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بوشلۇق ھاۋارايى، ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىقى بار.
بىرازىلىيەنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرى لۇسىيانا سانتوس مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا قېزىشقا بولىدىغان تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچ بار، بىرازىلىيە جۇڭگو بىلەن سۈنئىي ئەقل، كىۋانت تېخنىكىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق گۈللەنمە تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر سان پاۋلو شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا، بىرازىلىيە نوۋېيلى سانائەت ۋە سودا چەكلىك شىركىتى تېخى يېقىندىلا جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ «قوش 11» چوڭ تىپتىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناھايىتى كۆپ نەپكە ئېرىشتى.
شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى روبېرتو پامپلونا رېدېل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نەچچە يىل ئىلگىرى مەن بىرازىلىيەنىڭ ھەرە يېلىمى مەھسۇلاتىنى جۇڭگوغا سېتىشنى سىناپ باققان ئىدىم، لېكىن ئەنئەنىۋى سودا يولى زەنجىرى ئۇزۇن بولغاچقا بۇ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تېخىمۇ ئاددىي ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلىدى.
رېدېل مۇنداق دېدى: رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىرازىلىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى، شۇنداقلا بىرازىلىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، «يېڭى بوشلۇق» ئاچتى.
جۇڭگو ئۇدا 15 يىل بىرازىلىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى. رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ سودا يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇلتۇر 4-ئايدا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىرازىلىيە پوچتىسى جۇڭگو ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى سەينياۋ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەشيا ئوبوروت ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىشقا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
بۇلتۇر 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا، ئىككى تەرەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى مېخانىزمى ئاستىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
ئۇزۇن مەزگىل سودا بىلەن شۇغۇللانغان رېدېل مۇخبىرغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىرازىلىيە دۇنيادىكى مۇھىم قەھۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ بىرى، بىرازىلىيەدىكى سودىگەرلەر جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ زاكازىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، دۇنيا تەمىنات زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى ياراتتى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىرازىلىيەنىڭ دادۇر، مېۋە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىردى، بىرازىلىيەدىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ تاشقى سودا تارىخىدىكى ئېكسپورت سوممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى تۇنجى سودا ھەمراھى ئىكەن.
رېدېل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرازىلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، دادۇردىن سۈنئىي ھەمراھقىچە، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈلىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل