ئېلىمىز دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق يەتتە تارماق 11-ئاينىڭ 27-كۈنى «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. كەلگۈسىدە يەنە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرى 100 دىن ئاشىدىغان جايدىن 24ى بار. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ قاتارلىق قىسمەن جايلار رايون ھالقىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار