جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاشلىق تېجەش ۋە ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى
يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاشلىق تېجەش ۋە ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
لايىھەدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي نىشان تۆۋەندىكىچە: مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتا تېجەشلىك بولۇش زۆرۈر، تېجەشلىك بولۇشنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش دېگەن ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش، بوشاشماي چىڭ تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىنى كۆزلەش، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىكنىڭ خورىشى، ئىسراپ بولۇشىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش؛ 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تېجەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىيىنى ۋە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلىش-تەكشۈرۈش تۈزۈمى، ئۆلچەم قېلىپى ۋە كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاشتا زىيان بولۇش نىسبىتىنى خەلقئارا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن ھالەتتە تىزگىنلەپ، يېمەك-ئىچمەك كەسپى، ئورگان ئاشخانىسى، مەكتەپ ئاشخانىسى، كارخانا ئاشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ھەر ۋاقلىق يېمەكلىكىنىڭ ئىسراپ بولۇش مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ سىجىل تىرىشىش ۋە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش ئارقىلىق، ئاشلىق تېجەش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
لايىھەدە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى: بىرىنچى، ئاشلىقنى تېجەپ، زىياننى ئازايتىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئاشلىقنى ماشىنىدا يىغىپ، زىياننى ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ساقلاشتىكى زىيان ۋە خوراشنى ئازايتىش، ئاشلىق تىرانسپورتىدىكى زىياننى ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق پىششىقلاشتىكى زىياننى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاشلىق تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى بولۇپ، ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش، يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى ۋە تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇش ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچى، يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «تاماقنى پاكىز يېيىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئىنتىزامىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچى، ئىدارە ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ئورگان ئاشخانىلىرىدا، مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا، كارخانا ئاشخانىلىرىدا ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىندى. بەشىنچى، زىياننى، ئىسراپچىلىقنى ئىستاتىستىكا قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەلەر بويىچە مەخسۇس ئىستاتىستىكا قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئالتىنچى، كاپالەت تەدبىرلىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت