246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ جەھەتتە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 11:07

ھازىر پۈتۈن مەملىكەت قىشلىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىگە كىردى، جايلار زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كېلەر يىلى ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ كېيىنكى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى ئىش باشلاش تۈرى بولغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى خەنجياڭ دەرياسىغا باشلاش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ھازىر ئاساسىي تونېلنىڭ قېزىلىش مۇساپىسى 3.1 كىلومېتىردىن، لىنىيە بويىدىكى قۇرۇلۇش تارماق تونېلىنىڭ قېزىلىش مۇساپىسى 14.7 كىلومېتىردىن ئاشتى. يېقىندا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى خەنجياڭ دەرياسىغا باشلاش قۇرۇلۇشىدىكى 2-قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى «جياڭخەن پىڭئەنخاۋ» نىڭ ھالقىلىق يادرولۇق زاپچىسى ئاساسلىق قوزغىتىلىپ، ئالتە كۈن توشۇش ئارقىلىق خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. مۆلچەرلىنىشچە، قالغان زاپچاسلىرى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلىدىكەن ھەمدە كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇراشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى خەنجياڭ دەرياسىغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ يەتكۈزۈش تونېلىنى قېزىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. جياڭسۇنىڭ خۇەيئەندە، خۇەيخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش سۇ يولى 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خۇەيئەن تۈگۈن تۈرىدە پات ئارىدا خۇەيخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش سۇ يولىدا ئېقىن توسۇلۇپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىنىدۇ. ئىشچىلار قۇرۇلۇش مەيدانىدا چوڭقۇر قېزىش ۋە جەنۇب-شىمال توسمىسىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى بىلەن ئالدىراش بولدى.

يېقىندا، خۇاڭخې دەرياسى سۇ قۇمىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىدىكى ئاچقۇچلۇق تايانچ تۈگۈن قۇرۇلۇشى-خۇاڭخې دەرياسى گۇشيەن سۇچىلىق تۈگۈنىنىڭ سۇ باشلاش تونېلى قۇرۇلۇشى بۆلىكىدە رەسمىي ئىش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش نۇقتىسىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان سۇچىلىق تۈرى 45 مىڭ 400 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1، سېلىنغان مەبلەغ 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە سۇچىلىق مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مەبلىغىدىن 110 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1300 دىن ئارتۇق سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بەرگەن. ھازىرغىچە مەركەز سالغان مەبلەغ 99 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى:ئابدۇللا موللا

中央廣(guǎng)播電視(shì)總台 央廣網 版權所(suǒ)有(yǒu)

مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ جەھەتتە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

ھازىر پۈتۈن مەملىكەت قىشلىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىگە كىردى، جايلار زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كېلەر يىلى ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.