قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
2024-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شاڭخەيدە ئاياغلاشتى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يەرمەنكە 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق خەلقئارا سودىگەر ۋە 600 گە يېقىن چەت ئەللىك ساياھەت سودىگىرىنى جەلپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور سىرتىدا 600 مەيداندىن ئارتۇق كەسپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
تاموژنا باش مەھكىمىسى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق مۇئامىلىسىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار ماللارنى ئىمپورت قىلىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ يەنى (2024-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ) يېڭى نۇسخىدىكى «ئالاھىدە ئېتىبارلىق تاموژنا بېجى تەمىناتى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىش سىستېمىسى»نى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ۋىزا بېرىش ئاپپاراتلىرى ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى توردا تارقاتسا بولىدۇ.#(ئا*)
دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سىرتقا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە رەقەملىك توك تالونىنى رەسمىي ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەقەملىك توك تالونى تالوندىكى مۇھىم ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشتۈرۈش، نومۇرنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېرىش، تالون كېسىش نورمىسىنى ئەقلىيلەشتۈرۈپ بېرىش، ئۇچۇرنى باج رەقەملىك ئىسچوتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باج ئېلىش-تاپشۇرۇش سۇبيېكتلىرى ئارىسىدا ئاپتوماتىك ئوبوروت قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى تالون بولۇپ، قەغەز تالون بىلەن ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.
2-نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى» 11-ئاينىڭ 25-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئارخېئولوگلار، يازغۇچىلار، مۇزىكانتلاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت