مەملىكەت بويىچە ئۆي-زېمىن بازىرىدا تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10-ئايدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئۆي-زېمىن بازىرىدا «ئۈچتە تۇنجى قېتىم» زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىدا تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
گۇاڭجۇ بىلەن شېنجېندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆي-زېمىن كەسپىگە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ سىجىل تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، نىمكەش ئۆي سودىسى مۇقىم ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئۆي بازىرىدىكى سودىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك دېرىكتورلىرى: ئۆي بازىرىدىكى قىزغىنلىقنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، دېدى.
شېنجېندىكى مەلۇم ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر يېرىم ئايدا، ئۆينىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %366 ئاشتى.
مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىغا ئالاقىدار باجنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جېجياڭ سانائەت داشۆسى جۇڭگو تۇرالغۇ ئۆي ۋە ئۆي-زېمىن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى يۈ شياۋفېن: بۇ قېتىم بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭى سىياسەتنى ئىجرا قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆي سودىسى ھالقىسىدىكى يەر خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، دېدى.
يۈ شياۋفېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمى شۇنداقلا باجدا ئېتىبار بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرلىرى ئۆيى بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆي ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئۆي سېتىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10- ئايدىكى سېتىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئۆي-زېمىن بازىرىدا «ئۈچتە تۇنجى قېتىم» زور ئۆزگىرىش بولدى: ئۇ بولسىمۇ مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ توردا پۈتۈشۈش مىقدارى ئۇدا 15 ئاي تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشتى؛ مەملىكەت بويىچە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ توردا پۈتۈشۈش مىقدارى ئۇدا سەككىز ئاي تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشتى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بازار ئىگىلىكى تەتقىقاتخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ۋاڭ رۈيمىن: بۇ قېتىم بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ جايلاردىكى ئۆي-زېمىن بازىرىغا يېڭى سىياسەتنىڭ قۇۋۋىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا شەھەرلەردە تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى تېخىمۇ جانلىق پۈتۈشۈش، تېخىمۇ مۇقىم ئىشەنچ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىن ئۈمىد بار. ئەگەر سىياسەت يەنىمۇ كۈچەيتىلسە، داۋاملىق مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا