246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېز يەتكۈزۈش كەسپى يىل ئاخىرىدىكى جانلىق مەزگىلگە كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-25 14:42

بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن تارماق، نۇرغۇن رايونلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستېمال مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. تېز يەتكۈزۈش كەسپى جانلىق مەزگىلگە كىرگەندىن بۇيان، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى پەن-تېخنىكا بازارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.
ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىمۇ بازارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش، ئەقلىي ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش تەسىراتىنى ئۆستۈرۈپ، توردا پارچە سېتىش بازىرىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى كەسىپ ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۆخەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسپى سانلىق مەلۇمات ئامىلىنى تېخىمۇ كەڭ قوللىنىپ، كەسىپ پاسىلىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، چاققان ئەشيا ئوبوروتى، تېز يەتكۈزۈش ئېغىر ماللىرى بىلەن ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇپ، كۆپ خىل تىرانسپورت قورالى، كۆپ خىل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت ئەندىزىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يەرلىك مۇلازىمەت، دۆلەت ئىچى سودىسى، چېگرا ھالقىغان سودىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央廣播電視(shì)總台 央廣網 版權所(suǒ)有

تېز يەتكۈزۈش كەسپى يىل ئاخىرىدىكى جانلىق مەزگىلگە كىردى

بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن تارماق، نۇرغۇن رايونلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستېمال مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ،