نۇرغۇن تارماقلار كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىشتىكە داۋاملىق تۈرتكە بولدى
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش سىياسىتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن تارماقلار كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا