12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەينەننىڭ سەنيادا باشلاندى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە خەينەننىڭ سەنيادا باشلاندى، ھەرقايسى مىللەتتىن 10 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى ۋە ئەزىز مېھمان دېڭىز ساھىلىغا جەم بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت كاتتا مەركىسىگە قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن مەزمۇت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلدى.
نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسىنىڭ رەڭگارەڭ-رەڭ گۈزەل قىياپىتى نامايەن قىلىندى. بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، بۇ بىر قېتىملىق كاتتا مەرىكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى بولدى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا خەينەننىڭ روھىي قىياپىتى نامايان قىلىندى، بىز مۇراسىمنى ئىنتايىن ھاياجان ئىلىكىدە كۆردۇق.
بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بولۇپ، 18 مۇسابىقە تۈرى ۋە 160 تىن ئارتۇق ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بار. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى دارۋازلىق تۈرىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەتتە مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىدۇ، يەنە دارۋازلىق قاتارلىق ئويۇن كۆرسىتىش تۈرلىرىگىمۇ قاتنىشىدۇ. تەنھەرىكەتچىلىرىمىز ناھايىتى خۇشال، بىز تىرىشىپ، چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز.
تۇنجى قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى تەپكۈچ، ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق ۋە مىللىي چامباشچىلىق تۈرلىرىدە مۇسابىقىلىشىدۇ ھەمدە ئەجدىھا ۋە شىر ئۇسسۇلى ئوينايدۇ. تەيۋەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىل ياجيا، ئوقيا ئېتىش، مىللىي بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە نومۇر ئورۇنلايدۇ. تەيۋەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى ۋۇ جۈن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، خۇشال-خۇرام دوست تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى قىرغاق مەدەنىيەت، ئۇسسۇل، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى