246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-23 12:21

2024-يىللىق دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى
2024-يىللىق دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا 130 دۆلەت ۋە رايوندىن 1800 دىن ئارتۇق مېھمان تور ئىچى ۋە تور سىرتىدا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە «تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىكى نادىر مىساللار»، «دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ئىلغار پەن تېخنىكا مۇكاپاتى» قاتارلىق ئېلان قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەندى.

ئېلىمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى 233 كە يەتتى
مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى 233 كە يەتكەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 22 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان.

يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئەمەلىي قوللىنىشتىكى ئىجادىي نەتىجىلەر ۋە شىڭتۇيۈننى ئېچىۋېتىش سۇپىسى ئېلان قىلىندى.
ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد يىراقتىن سېزىش مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى شىڭتۇيۈن ئوچۇق سۇپىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئەمەلىي قوللىنىش دۆلەتلىك قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئېكولوگىيەسى، سۇ بايلىقى، تۇپراق ۋە ئاتموسفېرا قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 21 تۈرلۈك ئورتاق مەھسۇلاتىنى ماس قەدەمدە شىڭتۇيۈن سۇپىسىغا چىقىرىپ مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ سۇپا ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرىنى ئەمەلىي قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك كەسىپلەرگە مەدەت بېرىدۇ.

ئېلىمىز بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۇنجى قېتىم سوغۇق ئېقىمنى كۈتۈۋالىدۇ
مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۇنجى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央廣播電(diàn)視總台 央廣網 版權所有(yǒu)

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

2024-يىللىق دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى