رۇسىيە تاراتقۇلىرى رۇسىيە ئارمىيەسى كۇراخوۋو شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش ئەھۋالى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر كېچە-كۈندۈزدە رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەربىي ئايرودۇرۇم ئەسلىھەلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى 45 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سەككىز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇۋالدى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئالدىنقى سەپ رايونىدا يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش يۈز بەردى، بۇلار ئاساسلىقى كۇراخوۋو ۋە پوكروۋسك يۆنىلىشىدە بولدى دېدى. رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسىك كۇراخوۋو شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. شۇ كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھازىر كۇراخوۋو يۆنىلىشىدىكى ۋەزىيىتى قىيىن، نۆۋەتتە كۇراخوۋو يۆنىلىشى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بازىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، زاپوروژى يۆنىلىشىدە تەھدىت پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋاتىدۇ دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار