ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، سۇرىيەنى رايون توقۇنۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلاشنى مۇراجىئەت قىلدى. ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم لىۋاندىن سۇرىيەگە پاناھلىنىش ئۈچۈن كىرگەن. سۇرىيەدە ھازىر %70 تىن ئارتۇق ئامما ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولماقتا.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت