جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى-بىرازىلىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك باھا بەردى
بىرازىلىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 50 يىل بولغان پەيتتە، بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتانى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو شەھىرىنىڭ باشلىقى پايېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىرازىلىيەگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق زور پۇرسەت. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ لۇلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى بىرازىلىيەگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق مۇھىم پۇرسەت. مەن جۇڭگوغا كۆپ قېتىم بارغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ماڭا نۇرغۇن ئىلھام ئېلىپ كەلدى.بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
بىرازىلىيە دۆلەتلىك جۇغراپىيە ۋە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مارسىئو بۇخمان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ بىردەك: ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ يېڭى سانائەت پىلانى، جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يول پىلانى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. مېنىڭچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە.
بىرازىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە پىلانلاش دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى گوياگو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو بىر-بىرىنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى، ئىككى تەرەپ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىمۇ ياخشى ھەمكارلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بىرازىلىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە- جۇڭگو ھەمكارلىقى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
بىرازىلىيە دۆلەتلىك ياشلار ئىشلىرى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خەلقئارا ئىشلار مەسلىھەتچىسى پېدرو دۇۋار مۇنداق دېدى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئادىل، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىش قىممەت قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىروفېسسورى ئالانا دې ئولۋېرا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈشى دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قارار. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھەمراھلار، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسى.
بىرازىلىيە فلۇمىنېنسى فېدېراتسىيە داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گاۋ ۋېنيۇڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزاسى، نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانى بىردەك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتانى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو-بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد