29-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى
29-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلمەكتە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى «ئورگانىك تاشلاندۇقلارنى ئازايتىش خىتابنامىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا «مېتان قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش ھەرىكەت لايىھەسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو مېتان قاتارلىق كاربون تۆت ئوكسىدىدىن باشقا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى