بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى ئېچىلدى
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپ تۈرلۈك كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق قارالمىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى پائال ئىجابىي رول ئويناپ، يىغىندا پائال تەڭپۇڭ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئېچىلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيا يىڭشيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى يۈكسەك ئىرادىنى كۈچەيتىپ ھەمدە ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ 2025-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات مەبلىغى نىشانىنى مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 2025-يىلىدىن بۇرۇن ھەر يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ قوللاش ھەققىدىكى ۋەدە نىشانىنى ھەقىقىي نەقلەشتۈرۈپ، مەبلەغ بىلەن قوللاشنى ھەسسىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2025-يىلىدىن كېيىن مۇشۇ ئاساستا مەبلەغ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك.
شيا يىڭشيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۇنجى تۈركۈمدە تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا «پارىژ كېلىشىمى» نى ئەڭ بالدۇر ئىمزالىغان ۋە تەستىقلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچى ۋە تۆھپە قوشقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە يېتەكلىگۈچى.
شيا يىڭشيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن سۆزلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ھاسىل قىلىنىشى، ئىمزالىنىشى، كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر، ئافرىقا دۆلەتلىرى، كىچىك ئارال دۆلەتلىرى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق.
كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنياۋى مەسىلە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى پائال ئىجابىي رول ئويناپ، رەئىس دۆلەت ئەزەربەيجاننى قوللاپ، باشقا ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ «ئەھدىنامە» ۋە «پارىژ كېلىشىمى» دە بېرىلگەن ھوقۇققا بىرلىكتە ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا پائال تەڭپۇڭ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شيا يىڭشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ «ئەھدىنامە» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ نىشانى، پىرىنسىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، كىلىمات جەھەتتىكى ئەۋرىشىم تىپ ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، كەڭ قاتنىشىش، كېڭىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلىش، ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى تەرەپلەر تۈرتكە بولۇش پىرىنسىپى بويىچە،«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا