ترامپ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بايدىن بىلەن خارىس ترامپقا ئايرىم-ئايرىم تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ھېسابلىشى ۋە خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق زۇڭتۇڭ ترامپ ئېرىشكەن سايلىغۇچىلار بېلىتى سايلىنىشقا كېرەكلىك 270 بېلەتتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىدىكى ئاز دېگەندىمۇ 52 ئورۇننى ئىگىلەپ، يېرىمدىن ئاشقانلىقتىن، كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىكەن.
ترامپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە سايلامدا غەلىبە قىلىش سۆزى قىلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ۋە ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى خارىس تىرامپقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى