ئامېرىكىدىكى 47 ئىشتات ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق ئۈچ رايوننىڭ باش تەپتىشى بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، سايلامدىن كېيىن «ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش»نى مۇراجىئەت قىلدى
ئامېرىكىدىكى 47 ئىشتات ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق ئۈچ رايوننىڭ باش تەپتىشى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ، سايلامدىن كېيىن «ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش»نى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە «سايلام نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. باياناتتا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇنسىز قىلمىشلارغا قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2021-يىلى ئامېرىكا پارلامېنت تېغى قالايمىقانچىلىقى يۈز بېرىپ تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ سايلام زوراۋانلىقىغا بولغان ئەندىشىسى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى سايلىغۇچىلار شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە سايلىغۇچىلارنى تىزىملاش ھالىتىنى سۈرۈشتۈرگەندە خاتا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان. ئىشتات ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئىشتاتنىڭ توردا سايلىغۇچىلار ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ «تېخنىكىلىق مەسىلە»گە يولۇققانلىقىنى، ھازىر ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. شۇ كۈنى، ئىئوۋا ئىشتاتىنىڭ ئىشتات ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر ئىشتاتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ستورى ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم سايلام رايونىدىكى بېلەت تاشلاش ماشىنىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى