ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. نېتانياخۇ ۋىدېيولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، گاللانت بىلەن بولغان ئىشەنچنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ھەمدە ئۇرۇشنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلدۈردى.
گاللانت شۇ كۈنى كەچتە سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىشى، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە خادىملارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى سۆھبىتى ھەمدە دۆلەت كومىتېتى قۇرۇش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئىختىلاپ بارلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەخلاق قاراڭغۇلۇقى» ئىسرائىلىيەنى قاپلىدى، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى