246天天天彩免费资料玄机图>>2024年正版资料免费大全一肖>>新澳好彩免费资料查询一肖中特

ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 14:58

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ، رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش. تۈپ چىقىش يولى-«ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساس، شەرقىي ئېرۇسالىم پايتەخت قىلىنغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، قايتىش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، «بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئۇرۇش ئوتىنى ئۆچۈرۈش، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا تەڭ تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ غەززە خەلقىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى قوللاپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» توغرا يولىغا قايتىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزۇن مۇددەت ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央(yāng)廣播電視總台 央廣網 版權所有

شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.